ئۆزبېكىستاندا يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلدى

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ، ئابدۇللاھ ئارىپوۋ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان يېڭى ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى تەستىقلىدى.

ئۆزبېكىستاندا يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مىرزىيويېۋنىڭ ئۆزبېكىستان پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى قانۇن مەجلىسىدىكى مۇزاكىرىدىن كېيىن سۇنۇلغان يېڭى ھۆكۈمەت ئەزالىرىغا ئالاقىدار قارارنامىنى تەستىقلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

ئابدۇللاھ ئارىپوۋ قايتىدىن باش مىنىستىر بولغان ھۆكۈمەت قارارنامىسىدا، 4 مۇئاۋىن باش مىنىستىر، 21 مىنىستىر ۋە 10 دۆلەت كومىتېتى باشلىقلىرى ئورۇن ئالدى.

ئۆزبېكىستاندا 2019يىلى 22دېكابىردا ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردىن كېيىن، يېڭى مىنىستىرلار كابېنتى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت ئىستېپا بەرگەن ئىدى.

ئاندىن ئالدىنقى ئاي ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلاملارنىڭ غالىبى لېبېرال دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى ئابدۇللاھ ئارىپوۋ ئۆزبېكىستان پارلامېنتى تەرىپىدىن قايتا باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەنگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر