باكۇدا 20-يانۋار قەتلىئامى خاتىرىلەندى

ئەزەربەيجان مۇستەقىللىقىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان ۋە تارىختا «قانلىق يانۋار» دەپ يېزىلغان 20-يانۋار قەتلىئامىنىڭ قۇربانلىرى خاتىرىلەندى.

1344095
باكۇدا 20-يانۋار قەتلىئامى خاتىرىلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان خەلقى 1990-يىلى يۈز بەرگەن قەتلىئامدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن باكۇ شېھىتلەر قەبرىستانلىقىغا سەل بولۇپ ئاقتى. شېھىتزارلىق ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچرەتلەر ھاسىل بولدى. قەبرىلەر ئالدىغا گۈل قويۇلدى ۋە دۇئالار ئوقۇلدى.

پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ دۆلەت ئەركانلىرى بىلەن قەبرىستانلىقتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا قاتناشتى. مۇراسىمدا، ئەزەربەيجان مىللىي مارشى ئوقۇلدى. ئىلھام ئەلىيېۋ ئەبەدىي ئاتەش مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويدى. ئەزەربەيجان خەلقى شۇ يەر ۋاقتى سائەت 12:00 دە بارلىق شېھىتلەر ئۈچۈن بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇردى. بۇ جەرياندا، ھازار دېڭىزى ساھىلىدىكى پاراخوتلار، مېترو-پويىزلار ۋە ئاپتوبۇسلار دۈدۈك چالدى.

1990-يىلىنىڭ باشلىرىدا، ئەرمەنلەرنىڭ ئېشىپ بارغان زېمىن تەلەپلىرىگە ۋە سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئەزەربەيجان خەلقى، باكۇنىڭ ئازادلىق مەيدانىدا توپلىنىپ، ئۇزۇنغىچە يىغىلىش ئۆتكۈزدى. 20-يانۋار يىغىلىشنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن باكۇنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىغا كىرگەن 26 مىڭ كىشىلىك سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى، ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 147 پۇقرانى قىرغىن قىلدى، يۈزلەرچە كىشىنى يارىدار قىلدى.

شېھىتلەر يۈز مىڭلارچە كىشىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا، كۆز-ياشلار ئىچىدە گۈل-چېچەكلەر بىلەن بۈگۈنكى كۈندە «شېھىتلەر ھىيابانى» دەپ ئاتىلىدىغان قەبرىستانلىققا يەرلىككە قويۇلدى.

ئەزەربەيجان خەلقى 30 يىلدىن بۇيان ھەر يىلى 20-يانۋاردا، قوللىرىدا 20-يانۋار قۇربانلىرىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان قىزىل قەلەمپۇرلارنى كۆتۈرگىنىچە شېھىتزارلىققا كېلىپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر