ئەلىيېۋ: ئەزەربەيجان «تۈرك ئېقىمى» لايىھەسىنى باشتىن تارتىپ قوللىغان

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئەزەربەيجاننىڭ «تۈرك ئېقىمى» لايىھەسىنى باشتىن تارتىپ قوللاپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

1332162
ئەلىيېۋ: ئەزەربەيجان «تۈرك ئېقىمى» لايىھەسىنى باشتىن تارتىپ قوللىغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ رۇسىيەنىڭ «Rossiya 24» قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، رايونلۇق ئېنېرگىيە لايىھەلىرى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ رۇسىيە بىلەن ئەزەربەيجان تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئېنېرگىيە لايىھەلىرىنىڭ بىر-بىرىگە رەقىپ ئەمەسلىكىنى، جەنۇبىي گاز كارىدورى لايىھەسىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن يىلىغا 10 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گازنىڭ ئەزەربەيجاندىن ياۋروپاغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «بۇ رۇسىيەنىڭ يىلىغا 170-150 مىليارد كۇب مېتىرلىق تەبىئىي گاز تەمىنلىشىگە سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى كىچىك سان. شۇڭا، جەنۇبىي گاز كارىدورى رەقىپ لايىھە ئەمەس» دېدى.

ئۇ «تۈرك ئېقىمى» لايىھەسى توغرىسىدىمۇ توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، تۈرك ئېقىمى لايىھەسىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ھەر ئىككى دۆلەت بىزنىڭ يېقىن شېرىكلىرىمىز. باكۇ، تۈرك ئېقىمى لايىھەسىنى باشتىن تارتىپ قوللاپ كەلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەزەربەيجان بىلەن رۇسىيە تۈركىيەدە قۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئۇل-ئەسلىھەلىرىدىن ئورتاق پايدىلىنىشى مۇمكىن.»

رۇسىيە گازىنى تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا يەتكۈزىدىغان «تۈرك ئېقىمى» لايىھەسىنىڭ رەسمىي ئېچىلىش مۇراسىمىنى 2020-يىلى 8-يانۋار ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈشنىڭ پىلان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر