قازاقىستان قىرغىزىستانغا ئارال كۆلى ئۈچۈن ھەمكارلىشىشنى تەكلىپ قىلدى

قازاقىستان مۇھىت، گېئولوگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ماگزۇم مىرزاگالىيېۋ قىرغىزىستانغا، ئارال كۆلىنى قۇتقۇزۇش فوندى(IFAS) رامكىسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى جانلاندۇرۇشنى تەكلىپ قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1328924
قازاقىستان قىرغىزىستانغا ئارال كۆلى ئۈچۈن ھەمكارلىشىشنى تەكلىپ قىلدى
Magzum Mirzagaliyev.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان مۇھىت، گېئولوگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ماگزۇم مىرزاگالىيېۋ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، 1993-يىلى ئارال كۆلىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكستان ۋە تاجىكستان ئوتتۇرىسىدا قۇرۇلغان ئارال كۆلىنى قۇتقۇزۇش فوندىنىڭ خىزمەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇ فوندنىڭ ئاكتىپ خىزمەتلەر ئىشلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، قىرغىزىستاننىڭ 2015-يىلى فوندتىن چېكىنىشىنىڭ فوند خىزمەتلىرىگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «بىر ھەپتە بۇرۇن بىشكەكتە مەنسەپدېشىم ۋە ھۆكۈمەت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتۈم. قىرغىزىستانغا ئارال كۆلىنى قۇتقۇزۇش فوندى رامكىسىدا ھەمكارلىقلارنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشنى تەكلىپ قىلدۇق» دېدى.

ئۇ قىرغىزىستاننىڭ فوندقا بولغان ئەزالىقىنىڭ قازاقىستان ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئارال كۆلىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان سىر دەرياسى (سەيخۇن) نىڭ سۈيى قىرغىزىستاننىڭ نارىن دەرياسىدىن كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بەش دۆلەتنى بىرلەشتۈرىدىغان ئارال كۆلىنى قۇتقۇزۇش فوندىنىڭ ئاكتىپ خىزمەت قىلىشىنىڭ، قازاقىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئارال كۆلىنىڭ قازاقىستان قىسمىدا ياسالغان كۆك ئارال سۇ ئامبىرى سايىسىدا 27 مىليارد كۇب مېتىر سۇ يىغقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «ئارال كۆلىنىڭ قازاقىستاندىكى قىسمى يىلسېرى چوڭىيىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماي، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن رايوندىكى بەش دۆلەت خىزمەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز لازىم» دېدى.

ئۇ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ يىل (2019) تۈركىستان ئىشتاتىدىكى دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىنى سۇغىرىش ئۈچۈن قىرغىزىستاننىڭ نارىن-سىر دەريا ئويمانلىقىدىن 300 مىليون كۇب مېتىر سۇ ئالغانلىقلىرىنى، كېلەر يىلى 550 مىليون كۇب مېتىر سۇ تەلەپ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان ئىدى.

سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى مەزگىلىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ چوڭ دەريالىرى ھېسابلىنىدىغان ئامۇ (جەيخۇن) ۋە سىر (سەيخۇن) دەريالىرىنىڭ سۈيى، يېزا ئىگىلىكى ۋە پاختا يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن پىلانسىز ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئارال كۆلىنىڭ %90 تىن كۆپىرەكى قۇرۇپ كەتكەن ئىدى.

قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكستان 1993-يىلى كۆلچەكلەرگە ئايرىلغان ئارالنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئارال كۆلىنى قۇتقۇزۇش فوندىنى قۇرغان ۋە 25 يىلدىن بۇيان كۆلنىڭ مۇھىتقا ھەمدە رايون خەلقىگە كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرىنى يوقىتىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر