ئەزەربەيجان تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنتلار كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولدى

تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنتلار كېڭىشى «TÜRKPA» نىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكى تۈركىيەدىن ئەزەربەيجانغا ئۆتتى.

1325669
ئەزەربەيجان تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنتلار كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولدى
sentop turkpa1.jpg
oktay asadov turkpa.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاننىڭ باكۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنتلار كېڭىشى «TÜRKPA» پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنىغا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، ئەزەربەيجان پارلامېنتى باشلىقى ئوكتاي ئاسادوۋ، قازاقىستان پارلامېنتى باشلىقى نۇرلان نىغمەتۇلىن، قىرغىزىستان پارلامېنتى باشلىقى داتانبېك جۇمابېكوۋ ۋە «TÜRKPA» باش كاتىبى ئالتىنبېك مامايوسۇپوۋ قاتناشتى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، يىغىننىڭ ئېچىلىش ئىشقا ئاشۇردى. ھازىر 11 ياشقا تولغان ۋە خەلقئارالىق بىر ئورگانغا ئايلىنىپ، مۇھىم تەجرىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنتلار كېڭىشى «TÜRKPA» نىڭ كەلگۈسىدە بۈگۈنكىدىن تېخىمۇ چوڭ خىزمەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇستافا شەنتوپ، «دۇنياغا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ھاكىم بولۈش بىلەن بىرگە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ۋەتەنلىرىنىڭ ھەر بىر بۇلىڭىدىمۇ تىنچلىق، تەرتىپ ئىنىزام، ئادالەت ۋە تەرەققىياتنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ساھە بويىچە ئۆزئار مۇناسىۋەتلىرىمىز ۋە بىرىلكىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتىمىز. تۈركيەنىڭ رايوننى تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن باشلىغان تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكىڭلار بىزگە نىسبەتەن چوڭ مەنىگە ئىگە» دېدى.

مۇستافا شەنتوپ، تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنتلار كېڭىشى «TÜRKPA» نىڭ يېقىن كەلگۈسىدە بارلىق مۇستەقىل تۈركىي دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنتلىرىنى بىر مەركەزدە بىرلەشتۈرىدىغانلىقىغا دائىر ئۇمىدىنى تىلغا ئالدى.

ئۇنىڭ نۇتۇقىدىن كېيىن تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنتلار كېڭىشى «TÜRKPA» نىڭ باشلىقلىقىنىڭ سىمۋولى بولغان توقماق ئەزەربەيجان پارلامېنتى باشلىقى ئوكتاي ئەسەدوۋغا تەقدىم قىلىندى. شۇنداق قىلىپ، تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنتلار كېڭىشى «TÜRKPA» نىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكى ئەزەربەيجانغا ئۆتكەن بولدى.

ئاسادوۋ تۈركىيەنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى تولىمۇ نەتىجىلىك ئىشقا ئاشۇرغانلىقى ئۈچۈن رەخمەت ئېيتتى. ئەزەربەيجاننىڭ رەئىسلىك مەزگىلىدە تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنتلار كېڭىشى «TÜRKPA» نىڭ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا كېرەكلىك بارلىق قەدەملرەنى تاشلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.  

 

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر