ئەزەربەيجان ئامېرىكا پالاتاسىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا پالاتاسىنىڭ 1915 – يىلى ۋەقەلىرىنى «ئىرقى قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىدىغان قارارىنى ئەيىبلەپ، «قەستەنلىككە تولغان ۋە ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسىي بولمىغان ھۆججەت» دەپ باھا بەردى.

1323196
ئەزەربەيجان ئامېرىكا پالاتاسىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «مەزكۇر قارار تېكىستىدە ئىلمىيلىك ۋە تارىخ نۇقتىسدىن زىتلىقلارغا تولغان، گۇمانلىق مەنبەلەرنى ئاساس قىلغانلىقىنىڭ ئۆزىلا، ئەسلىدە بۇ قارارنىڭ بىلىمسىزلەرچە تەييارلانغانلىقىنى ۋە پەقەتلا ئەرمەنىي لوبىلىرىنىڭ ئىپلاسلارچە مەقسەتلىرىگە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ» دېيىلدى.  

تارىخنىڭ تارىخشۇناسلار تەرىپىدىن بىتەرەپ ھالدا تەتقىق قىلىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: 

«ئامېرىكا پالاتاسى 1 ئەسىر بۇرۇن يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋەقەلەرنى سىياسىي مەقسەتتە باھالاپ يۇرىۋاتىدۇ. شۇنداق تۇرۇغلۇق ئەرمەنىستاننىڭ ئەزەربەيجانغا قارشى داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھۇجۇملىرى، ئىشغال قىلغان رايونلاردا 1 مىليوندىن كۆپرەك ئەزەربەيجان تۈركلىرىگە قارىتا يولغا قويغان ئىرقىي تازىلاش ھەرىكىتى ۋە كوجائەلى ئىرقىي قىلغىنچىلىقىغا كەلگەندە، سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. بۇنداق چاغدا قوش ئۆلچەملىك ئىش قىلغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ. بۇ قارارنى قەستەنلىككە تولغان ۋە ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسىي بولمىغان بىر ھۆججەت دەپ قارايمىز. ئامېرىكا پالاتاسىنىڭ قارارى، تارىخنىڭ ساختىلاشتۇرۇلىشىدۇر ۋە سىياسىي بېسىم قورالى سۈپتىدە ئىشلىتىشكە ئۇرۇنۇشتۇر»

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر