ئىلھام ئەلىيىېۋ: ئەپسۇسكى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى تاغلىق قاراباغ مەسلىسىدە نەتىجە يوق

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيىېۋ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى تاغلىق قاراباغ مەسلىسىدە ئەپسۇسكى دىققەتنى تارتقۇدەك بىرەر نەتىجىنىڭ بولمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىلھام ئەلىيىېۋ: ئەپسۇسكى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى تاغلىق قاراباغ مەسلىسىدە نەتىجە يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىلھام ئەلىيىېۋ ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنى قوبۇل قىلدى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىلھام ئەلىيىېۋنىڭ «2019يىلى رۇسىيە ئەزەربەيجان سودا مۇناسىۋەتلىرى نۇقتىسىدىن غولىبىلىك بىر يىل بولدى ۋە يىل ئاخىرىغا قەدەر سودا ئومۇمىي سوممىسىدىكى ئۆرلەش %25 گە يېتىشى مۇمكىن» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 

ئىلھام ئەلىيىېۋ قاتناش ساھەسىدە ياخشى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى، پات يېقىندا سامۇر دەرياسىغا ياسالغان كۆۋرۈكنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، رۇسىيە ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىدە دېنامىك كۈچنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىلھام ئەلىيىېۋ تاغلىق قاراباغ مەسلىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «ئەپسۇسكى بۇ مەسىلىدە دىققەتنى تارتقۇدەك بىرەر نەتىجە يوق. بۇنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى سەۋەبى ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈنۈمسىز سىياسەتلىرى، بولۇپمۇ قاراباغنىڭ ئەرمېنىيەگە تەۋە ئىكەنلىكىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك باياناتلىرى بولدى. بۇ غەلىتە باياناتلارغا قارىتا ھەم سىز، ھەم باشقا دۆلەت رەھبەرلىرى (ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەكارلىق تەشكىلاتى مىنسىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى) تەرىپىدىن مۇناسىپ شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇلغانلىقىغا سۆيۈندۈم. بىز ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنسىك گۇرۇپپىسى تەڭ دەرىجىلىك باشلىقلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. يېقىندا ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كۆرىشىدۇ. مۇزاكىرە باسقۇچىغا ئاكتىپ قاتنىشىشنى داۋاملاشتۇرىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز» دېدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىر لاۋروۋمۇ رۇسىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئۇچقاندەك ئېشىپ، بۇ يىل 3 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا سالغان بىۋاستە سېلىنمىلىرىنىڭ 1 مىليارد 500 مىڭ دوللار بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن لاۋروۋ، ئەزەربەيجاندا رۇسىيە مەبلەغ سالغان 300 دىن ئارتۇق شىركەتنىڭ پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىنىڭ سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن قىلنىدىغان نۇرغۇن خىزمەتلەر بارلىقىنى تەكىتلىگەن لاۋروۋ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىتى نېزامنامىسى ۋە ھېلسىنكى قارارنامىسىدا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپلارغا زىت باياناتلاردىن ئۇزاق تۇرىشى لازىملىقىنى قەيت قىلدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر