قازاقىستاندا قەدىمكى تۈرك يېزىقلىرى يورۇقلۇققا چىققان كۈن خاتىرىلەندى

قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندا قەدىمكى تۈرك يېزىقىنىڭ ئوقۇلغانلىقىنىڭ 126-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

1312075
قازاقىستاندا قەدىمكى تۈرك يېزىقلىرى يورۇقلۇققا چىققان كۈن خاتىرىلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇلۇغ بۇدۇن (ئۇلۇغ خەلق) جەمئىيىتى قازاقىستان مىللىي مۇزېيىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى ۋە قەدىمكى تۈرك يېزىقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلدى. مۇتەخەسسىسلەر قەدىمكى تۈرك يېزىقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك لېكسىيەلەر سۆزلىدى.

ئۇلۇغ بۇدۇن جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى مەرۇئەرت قۇرمانگالىيېۋا 25-نويابىر كۈنىنىڭ قەدىمكى تۈرك يېزىقى ئوقۇلغان كۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «تۈرك يېزىقى تۈرك خەلقلىرىنىڭ بىرلىشىش ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. مەقسىتىمىز مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە تارىخ ۋاستىسى بىلەن تۈرك دۆلەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈشتۇر» دېدى.

ئۇ تۈرك يېزىقى ئوقۇلغان 25-نويابىرنى بارلىق تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدە تەبرىكلەش ئارزۇسىنىمۇ ئەسكەرتىپ: «كېلەر يىلى مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ بارلىق تۈرك خەلقلىرى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئۇ قىزىل ئوردا ۋە ئالمۇتا ئىشتاتلىرىدىمۇ تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پائالىيەتكە، تۈركولوگلار ۋە ھەر ساھەدىكى ئاكادېمىكلاردىن باشقا، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن، ئالتاي، گاگاۋۇز، تاتار، ھاكاس قاتارلىق تۈرك خەلقلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.

1893-يىلى 25-نويابىر دانىيەلىك تىلشۇناس كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋىلھېلم لۇدۋىگ تومسېن(WilhelmLudwig Thomsen) تۈركلەرنىڭ تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ئورخۇن تاش ئابىدىلىرىدىكى تېكىستلەرنى ئوقۇغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر