قازاقىستاندا خەلقئارا مائارىپ ۋە ئىلىم – پەن يەرمەنكىسى باشلاندى

قازاقىستاننىڭ پايتەختى نۇر سۇلتاندا 17 – نۆۋەتلىك خەلقئارا مائارىپ ۋە ئىلىم – پەن يەرمەنكىسى باشلاندى.

1309640
قازاقىستاندا خەلقئارا مائارىپ ۋە ئىلىم – پەن يەرمەنكىسى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Atakent Expo» شىركىتى تەرىپىدىن كۈرمە يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا، ساھە ۋەكىللىرى، ھەر قايسى دۆلەت دىپلوماتىيە خادىملىرى ۋە نۇرغۇن ساندا مېھمانلار قاتناشتى.

يەرمەنكىدە قازاقىستان، رۇسىيە، بۇلغارىيە، كانادا، لىتۋانىيە، پولونىيە ۋە شىۋېيېتسارىيەدىن قاتناشقان ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېت ۋەكىللىرى كۆرگە بۆلۈمى ئاچتى.

يەرمەنكىگە قاتناشقانلار ئارىسىدىن خوجا ئەھمەت يەسىۋى خەلقئارا تۈرك - قازاق ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى مەسلىھەتچىسى يەدىل تولوگونوۋ، ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا ئۇنىۋېسىتېتنىڭ ئىمكانىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ كۆرگەزمە بۆلىمى ئاچقانلىقىنى ئېيتتى.

يەدىل تولوگونوۋ، ئەھمەت يەسىۋى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆلكە مەركىزى تۈركىستان شەھىرىگە جايلاشقانلىقى سەۋەبىدىن زور قىزىقىش قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «يېقىنقى 2 يىلدا ئوقۇغچىلىرىمىزنىڭ سانى 2 ھەسسە ئۆرلەپ، 10 مىڭدىن ئاشتى. بۇلارنىڭ %15 ى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار» دېدى.

يەدىل تولوگونوۋ، ئەھمەت يەسىۋى ئۇنىۋېرسىتېتىدا 17 دۆلەت ۋە 41 مىللەتتىن ئوقۇغۇچى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئەھمەت يەسىۋى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قازاقىستاندا خەلقئارالىق سالاھىيەتكە ئىگە بىردىن بىر ئۇنىۋېرسىتېت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، قازاقچە، تۈركچە، ئىنگىلېزچە ۋە رۇسچە دەرس ئۆتىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

يەدىل تولوگونوۋ، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى دۆلەتلىرىگە قايتىشى ئۈچۈن يول چىقىمى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ 500 قازاق ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىلىۋاتقانلىقىنى، ئىقتىسادى ئەھۋالى ناچار ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار ياتىقى ۋە باشقا ئېھتياجلىق نەرسىلەر جەھەتتىن مەخسۇس ئاسانلىقلار يارىتىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

يەرمەنكە جۈمە كۈنى ئاخىرىلىشىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر