نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسەچى بولالايدىغانلىقىنى ئېيتتى

قازاقىستاننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسىكىي ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسەچى بولۇش تەكلىپى سۇندى.

نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسەچى بولالايدىغانلىقىنى ئېيتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ: «رەھبەر كۈچلەر ئوتتۇرىسدىكى توقۇنۇش ئاپتوماتىك ھالدا ياۋروئاسيادىكى جىددىچىلىك قاپلىغان نۇرغۇنلىغان نۇقتىلارغا كېڭەيمەكتە ۋە رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسلارنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىش باشقۇچلىرىنى قېيىنلاشتۇرماقتا» دېدى.

 نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن پۇتىن بىلەن زېلېنسىكىينىڭ ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈشى كېرەكىلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بارلىق مەسىلىلەرنى مۇنازىرىلىشىش ئۈچۈن بۇنداق بىر ئۇچرىشىشنىڭ ئۆتكۈزۈلمەيۋاتقانلىقى ھەققىدە ھەر ئىككى تەرەپ بىلەن كۆرۈشتۈم. ھازىر ياخشى بىر پەيت دەپ قارايمەن. ئايرىم ئۇچرىشىش ئۈچۈن زېلېنسىكىينىڭ ماقۇللىقىنى ئالدىم. بۇنى رۇسىيە پىرېزىدېنتىغا يەتكۈزدۇم. ئەگەر تەرەپسىز بىر ساھەگە ئېھتىياج بولسا، قازاقىستاننى تەكلىپ قىلىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر