قازاقىستاننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئاشتى

قازاقىستاندا بۇ يىل (2019) نىڭ يانۋار ئېيىدىن ئۆكتەبىرگىچە 74 مىليون 800 مىڭ توننا نېفىت ئىشلەپچىقىرىلدى.

1303805
قازاقىستاننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى يىلنىڭ دەسلەپكى 10 ئايلىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، بۇ يىلنىڭ 10 ئېيىدا نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ 74 مىليون 800 مىڭ توننا ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ ئىچىدە 59 مىليون 56 مىڭ تونناسىنىڭ ئېكسپورت قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، قازاقىستاننىڭ ئۈچ چوڭ نېفىت قۇدۇقىدىن بىرى بولغان كاشاگاندا 11.5 مىليون توننا، تەنگىزدە 24.6 مىليون توننا ۋە كاراچاگاناكتا 9.1 مىليون توننا نېفىت ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«قۇدۇقلاردىكى ئاسىراش خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش توختىتىلغان بولسىمۇ، كۈتۈلگەن نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئاشتى.»

باياناتتا، ئۆتكەن يىلى (2018) 90.4 مىليون توننا نېفىت ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى خاتىرىلىتىپ، بۇ يىللىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 90.5 مىليون توننا ئەتراپىدا تەخمىن قىلىنغانلىنى قەيت قىلىندى.

يانۋار ئېيىدىن ئۆكتەبىرگىچە قازاقىستاندا 46.3 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، بۇ رەقەمنىڭ ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %1.5 كۆپ ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، 10 ئايدا 402 مېگاۋات ھەجىمگە ئىگە 14 يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«يىل ئاخىرىغىچە 104.8 مېگاۋات ھەجىمگە ئىگە تۆت يېڭى ئەسلىھە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.»

باياناتتا، قازاقىستاندا جەمئىي 1042 مېگاۋات ھەجىمگە ئىگە 77 يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيە ئىستانسىسىلىرىنىڭ خىزمەت سۇنۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى ۋە يانۋاردىن ئۆكتەبىرگىچە يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %65 ئېشىپ، 1.7 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر