تۈرك كېڭىشى باش كاتىپى ئاتاتۈركنىڭ ۋاپاتىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى
تۈرك كېڭىشى باش كاتىپى باغداد ئامرېيېۋ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك ۋاپاتىنىڭ 81 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش كاتىپ ئامرېيېۋ تېلېگراممىسىدا، «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تۇنجى جۇمھۇر رەئىسى ئاتاتۈرك قۇرۇپ چىققان مودېرن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، دۇنيا تىنچلىقىغا ۋە سىياسىي تۈزۈمىگە قوشقان ئىدېئولوگىيەلىك تۆھپىلىرى، ئىنقىلابچى پىكىرلىرى ۋە يۇقىرى لىدېرلىق سۈپەتلىرى بىلەن 20 – ئەسىردە ئىز قالدۇردى، پۈتكۈل دۇنيا دۆلەتلىرىگە چوڭقۇر ئىلھام مەنبەسى بولدى ۋە بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.
ئاتاتۈركنىڭ يىراقنى كۆرەر دۆلەت ئەربابى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئامرېيېۋ، تېلېگراممىسىدا «ئۇنىڭ ئىسلاھاتچى پىكىرلىرىنىڭ ئەسلىنىپ، خاتىرىلىنىشىگە بېغىشلانغان بۈگۈن ۋاسىتىسى بىلەن، تۈرك كېڭىشىدىكى بارلىق خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىرلىكتە تۈرك مىللىتىنىڭ ئاتىسىنى ھۆرمەت ۋە مىننەت بىلەن ئەسلەيمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.