تۇلۇيخان ئۇغۇرلۇ ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە كونسىېرت بېرىدۇ

پىيانىنو ماھىرى ۋە مۇزىكانت تۇلۇيخان ئۇغۇرلۇ 29 – ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە ئىككى قېتىم كونسىېرت بېرىدىغان بولدى.

1295979
تۇلۇيخان ئۇغۇرلۇ ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە كونسىېرت بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇلۇيخان ئۇغۇرلۇ دەسلەپتە 29ئۆكتەبىر ئاخشىمى تۈركىيەنىڭ تاشكەنتتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇرىيەت بايرىمى زىياپىتىدە سەھنىگە چىقىدۇ.

تۇلۇيخان ئۇغۇرلۇ ئۆزبېكىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى قاتنىشىدىغان ئەلچىخانا زىياپىتىدە، «قوياش دۆلىتى ئانادولۇ» ناملىق ئەسىرىنى ئورۇنلاپ بېرىدۇ.

ئاندىن تاشكەنت مەدەنىيەت ۋە تونۇتۇشتۇرۇش مەسلىھەتچىلىكى تەرىپىدىن تاشكەنتنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق زاللىرىدىن بىرسى بولغان ئۆزبېكىستان كونسېرت زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 30ئۆكتەبىردىكى 2 - كونسېرتىدا ئۆزبېكىستانلىق سەنئەت سۆيەرلەر ۋە ياشلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر