قازاقىستان قۇش زۇكىمى كۆرۈلمىگەن بىردىن بىر دۆلەت ئېلان قىلىندى

خەلقئارا ھايۋاناتلارنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش تەشكىلاتى «OIE» قازاقىستاننى دۇنيا بويىچە قۇش زۇكىمى كۆرۈلمىگەن دۆلەت ئېلان قىلدى.

1293448
قازاقىستان قۇش زۇكىمى كۆرۈلمىگەن بىردىن بىر دۆلەت ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان يېزا ئىگلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۇ ئۇتۇقنىڭ يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقى ۋە ھايۋاناتلارنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش ئورگانلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە قولغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. 

باياناتتا، قاناتلىق ھايۋان پىرما خىزمەتلىرىنىڭ قازاقىستان يېزا ئىگىلىكى سانىئىتىدە مۇھىم ساھە ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، «قازاقىستاننىڭ قۇش زۇكىمى كۆرۈلۈپ باقمىغان دۆلەت ئېلان قىلىنىشى، دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكى ساھەسىدىكى ئېكسپورت كۈچىنىڭ يۇقىرى ئورلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. دۆلەت ئىقىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە ئىناۋىتىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېيىلدى.

پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى ھايۋاناتلارنىڭ سالامەتلىكىگە مەسئۇل بولغان خەلقئارا ھايۋاناتلارنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش تەشكىلاتى «OIE» نىڭ مەركىزى ئىشخانىسى فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژغا جايلاشقان.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر