قازاقىستان خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ ئۇرانلىرىنى قوغدايدۇ

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ تۆۋەن سەۋىيەدىكى قويۇلدۇرۇلغان ئۇرانلىرىنىڭ دەسلەپكى قىسمى قوغدىلىشى ئۈچۈن قازاقىستاندىكى خەلقئارا ئۇران بانكىسىغا يەتكۈزۈلدى.

1290351
قازاقىستان خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ ئۇرانلىرىنى قوغدايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆسكەمەن شەھىرىدىكى تۆۋەن سەۋىيەدىكى قويۇلدۇرۇلغان خەلقئارا ئۇران بانكىسىدا، يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى رېئاكتورلىرى ئۈچۈن يېقىلغۇ تەييارلاش مەقسىتىدە يۇقىرى ئىسسىقلىق گاز ھالىتىگە ئايلانغان شەكلى بىلەن 90 تونىغىچە تۆۋەن سەۋىيەدە قويۇلدۇرۇلغان ئۇراننى قوغدايدىكەن.

تۆۋەن سەۋىيەدە قويۇلدۇرۇلغان ئۇران بانكىسى، قازاقىستاننىڭ قۇرغۇچى پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ رەھبەرلىكىدە 2017 – يىلى ئۆسكەمەن شەھىرىدىكى ئۇلبا مېتاللۇرگىيە زاۋۇتى قارمىقىدا ئېچىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر