ئەردوغان: مۇنبىچتىن ئىراققىچە بولغان رايوننى بىخەتەر رايونغا ئايلاندۇرىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەنىڭ مۇنبىچتىن ئىراققا قەدەر بولغان رايونىنى بىخەتەر رايونغا ئايلاندۇرۇىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان: مۇنبىچتىن ئىراققىچە بولغان رايوننى بىخەتەر رايونغا ئايلاندۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 7 - نۆۋەتلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

ئەردوغان نۇتۇقىدا، 9ئۆكتەبىردە سۈرىيەنىڭ فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي گ/ پ ك ك غا قارشى باشلانغان تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى ئۈستىدە توختالدى. بۈگۈن ئەتىگەنگىچە بولغان جەرياندا تەخمىنەن 1000 كىۋادىرات مېتىرلىق رايوننى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكلاتىنىڭ ئىشغالىيىتىدىن قۇتقۇزغانلىقىنى تەكىتلەپ، «سۈرىيەنىڭ شىمالىي تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى بىلەن قايتىدىن گۈللىنىدۇ. نىشانىمىزغا يەتكەنگە قەدەر كۈرەشلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇنبىچتىن ئىراقنىڭ چېگراسىغىچە بولغان رايوننى بىخەتەر رايونغا ئايلاندۇرۇپ، دەسلەپكى باشقۇچتا 1 مىليون، كېيىنكى باسقۇچتا 2 مىليون سۈرىيە پۇقرالىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى.

ئەردوغان نۇتۇقىدا يەنە، ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى يۇقىرى قاراباغ مەسلىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «يۇقىرى قاراباغ مەسىلىسىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، تىنچلىق يولى بىلەن شۇنداقلا ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى ئاساس قىلغان ھالدا ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىمىز» دېدى.

ئەردوغان تۈرك كېڭىشىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سودا- تىجارەت توسالغۇلىرىنىمۇ كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى، «تامۇژنا ۋە بەلگىلەنگەن مىقدار ئۆلچىمى ئەپسۇسكى، سودا تىجارەتلىرىمىزنىڭ ئالدىدىكى چوڭ توسالغۇلاردىن بىرسى بولماقتا. تۈرك كېڭىشى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئوتتۇرىمىزدىكى بەلگىلەنگەن مىقدار ئۆلچەملىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىشىمىز لازىم» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر