تۈرك تىللىرىدا سۆزلىشدىغان دۆلەتلەر كېڭىشى تۈركىيەنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىنى قوللىدى

ئەزەربەيجاندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 7 – نۆۋەتلىك رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ خۇلاسە دوكلاتىدا، تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەش قارارىغا ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

تۈرك تىللىرىدا سۆزلىشدىغان دۆلەتلەر كېڭىشى تۈركىيەنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىنى قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاننىڭ پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن رەھبەرلەر يىغىنىغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قازاقىستاننىڭ قۇرغۇچى پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سورونباي جەنبېكوۋ ۋە ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايېۋ قاتناشتى.

تۈرك تىللىرىدا سۆزلىشدىغان دۆلەتلەر كېڭىشىنىڭ كۆزەتكۈچى ئەزاسى ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان بىلەن بىرگە گەرچە بىرلىككە ئەزا بولمىسىمۇ، بارلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان تۈركمەنىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى پۇرلى ئاگامۇرادوۋمۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى.

يىغىن ئاخىرىدا، قوبۇل قىلىنغان ۋە بارلىق رەھبەرلەر تەرىپىدىن ئىمزالانغان دوكلاتتا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدە، فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى ھەققىدە مۇنۇلار قەيت قىلىندى:

«تۈرك تىللىرىدا سۆزلىشدىغان دۆلەتلەر كېڭىشى تۈركىيەنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتىگە، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشلىرىگە، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىغا، سۈرىيە خەلقىنى تېررورچىلارنىڭ زۇلمىدىن قۇتقۇزۇشىغا شۇنداقلا يۈرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان سۈرىيە خەلقىنىڭ ئۆز يۈرتلىرىغا بىخەتەر ۋە ئۆزى خالىغان شەكىلدە قايتىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىشىغا بولغان ئۈمىد ۋە ئىشەنچىسىنى جاكارلايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر