ئەردوغان ئەزەربەيجانغا ماڭدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 7 – نۆۋەتلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەزەربەيجانغا يۈرۈپ كەتتى.

1287678
ئەردوغان ئەزەربەيجانغا ماڭدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاتا تۈرك ئايرودۇرۇمى دۆلەت مېھمانسارىيىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن، تۈركىيە ۋاقتى سائەت 11:20 ئۆتكەندە «TC-TUR» ناملىق مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن باكۇغا قاراپ يولغا چىقتى.

ئەردوغاننى ئايرودۇرۇمدا، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) پىلان ۋە خام چۆت كومىتېتى باشلىقى شۇنداقلا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مەرسىن پارلامېنت ئەزاسى لۇتفى ئەلۋان، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى جەۋدەت يىلماز، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئەنقەرە پارلامېنت ئەزاسى يالچىن ئاقدوغان، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئىستانبۇل پارلامېنت ئەزاسى ئەھمەت ھامدى جاملى، ئىستانبۇل ۋالىيسى ئەلى يارىكايا، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئىستانبۇل ۋىلايەتلىك شۆبىسى باشلىقى بايرام شەنئۇجاق ۋە باشقا مەسئۇللار ئۇزۇتۇپ قويدى.

ئەردوغانغا ئەزەربەيجان زىيارىتىدە، رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، سانائەت ۋە تېخنىكا ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك، سەھىيە مىنىستىرى فەخرىتتىن كوجا، سودا مىنىستىرى رۇخسار پەكجان، ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشلىقى فەخرىتتىن ئالتۇن ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك باياناچىسى ئىبراھىم كالىن ھەمراھ بولدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر