قۇتادغۇبىلىك سىياسەتنامىسى يېزىلغانلىقىنىڭ 950 –يىلى قىرغىزىستاندا خاتىرىلىنىدىغان بولدى

تۈرك - ئىسلام تارىخىنىڭ ئەڭ كاتتا شائىرى، ئالىم ۋە مۇتەپەككۇرى يۈسۈف خاس ھاجىپ تەرىپىدىن قۇتادغۇبىلىك سىياسەتنامىسى يېزىلغانلىقىنىڭ 950 – خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن، قىرغىزىستان چوڭ بىر خەلقئارالىق كونفېرانسقا ساھىبخانلىق قىلىدىغان بولدى.

قۇتادغۇبىلىك سىياسەتنامىسى يېزىلغانلىقىنىڭ 950 –يىلى قىرغىزىستاندا خاتىرىلىنىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان مەدەنىيەت، ئۇچۇر - ئالاقە ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئاخبارات مەركىزى ئېلان قىلغان باياناتتا، مىنىستىر ئازامات جامانقولۇۋنىڭ خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىيەسى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور دەرخان قىدىرىلى بىلەن بۇ يىل ئۆتكۈزمەكچى بولغان «قۇتادغۇبىلىك سىياسەتنامىسى يېزىلغانلىقىنىڭ 950يىلى» تېملىق خەلقئارالىق كونفېرانسنى مۇزاكىەىلەشتى.

قىرغىزىستان پىرېزىدېنلىق مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، پىرېزىدېنت سورونباي جەئېنبېكوۋنىڭ پىروفېسسور دوكتور دەرخان قىدىرىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى، دەرخان قىدىرىلىنىڭ قۇتادغۇبىلىك سىياسەتنامىسى يېزىلغانلىقىنىڭ 950خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان پائالىيەتلەر ۋە خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىيەسىنىڭ كەلگۈسىدىكى پائالىيەتلىرىدىن باشقا يەنە، ئالدىنقى قاتاردىكى كەلگۈسى پىلانلىرى ئۈستىدىمۇ مەلۇمات بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

پىرېزىدېنت سورونباي جەئېنبېكوۋنىڭ تۈرك تارىخى، كۈلتۈرى ۋە تۈرك خەلقلىرىنىڭ ئاتاقلىق زاتلىرى ھەققىدە خەلقئارالىق كونفېرانسلار، مۇنبەر يىغىنلىرى ۋە لېكسىيە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكتىپ خىزمەتلىرى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، قۇتادغۇبىلىك سىياسەتنامىسى يېزىلغانلىقىنىڭ 950خاتىرە يىلىغا ئاتالغان بۇ قېتىمقى خەلقئارالىق كونفېرانسنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆتكۈزۈلۈشىگە دائىر كۈتكەن ئۈمىدلىرىنى بىلدۈردى.

تۈركىستان زېمىنىدا مىڭ يىللار ئىلگىرى ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ، ھۆكۈم سۈرگەن تۇنجى تۈرك دۆلىتى قاراخانىيلار دەۋرىدە دۇنياغا كەلگەن ۋە كاشغەردە ۋاپات بولغان يۈسۈپ خاس ھاچىپ، قۇتادغ بىلىك ناملىق سىياسەتنامە ۋە نەسىھەتنامىسىنى يېزىپ قالدۇرغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر