ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭى تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالدى
ئۇيغۇر ئېلىدە 115.3 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالغانلىقى ئېلان قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي نېفىت شىركىتى (PetroChina) تارىم ئويمانلىقىدىكى تەكشۈرۈشلىرىدە 115.3 مىيارد كۇب مېتىر زاپىسىغا ئىگە تەبىئىي گازلىق بايقىغان.
شىركەت مەسئۇللىرى گاز بايقالغان جايلاردا قۇدۇق سىناقلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى، كېلەر ئاي (نويابىر) ئىچىدە رايوندا تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشنى باشلاشنى پىلانلىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالچىسى بولغان خىتاينىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئۇيغۇر رايونى، نېفىتتىن باشقا ئالتۇن، پلاتىنا، كۈمۈش، ئۇران ۋە كۆمۈر قاتارلىق نۇرغۇنلىغان يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلارغا ئىگە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.