تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى پائالىيىتىدە مۇھىم كېلىشىم ئىمزالاندى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىستىراتېگىيەلىك تەتقىقات مەركىزى «SAM» بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىقى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئانالىز مەركىزى «AIR Center» ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.

تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى پائالىيىتىدە مۇھىم كېلىشىم ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا تۈركىي دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى «تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى» قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسى بولغان ناھچىۋان ئەھنامىسى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 10يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن كونفېرانس ئۆتكۈزۈلدى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىقى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئانالىز مەركىزى «AIR Center» تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن كونفېرانسقا ئەزەربەيجان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلا مىنىستىرى رامىز ھەسەنوۋ، تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى گەۋدىسى «TÜRKPA» نىڭ باش كاتىبى ئالتىنبېك مامايوسۇفۇۋ، تۈركىي تېلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى مۇئاۋىن باش كاتىبى قىسمەت گۆزېلوۋ، خەلقئارا تۈرك كۈلتۈرى ۋە مىراسى فوندى جەمئىيىتى باشلىقى گۇناي ئەفەندىيېۋا، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىقى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئانالىز مەركىزى «AIR Center» نىڭ باشلىقى فەرىد شېفىيېۋ ۋە نۇرغۇن ساندا ئاكادېمىكلار قاتناشتى.

قىرغىزىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە ۋېنگىرىيە ئىستىراتېگىيەلىك تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان كونفېرانسقا، تۈركىيەگە ۋاكالىتەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار رمىنىستىرلىقى ئىستىراتېگىيەلىك تەتقىقات مەركىزى «SAM» نىڭ باشلىقى دوكتور ئۇفۇف ئۇلۇتاش ۋە تۈركىيەنىڭ باكۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەركان ئۆزورال قاتناشنى.

كونفېرانستا، تۈركىي تېلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ قۇرۇلۇش باشقۇچى، بۈگۈنگە قەدەر قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇتۇقلار، بۇ ئورگاننىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ھالغا كېلىشى ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر ۋە ناھچىۋان ئەھدىنامىسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ھەققىدە لىكسىيەلەر سۇنۇلدى.

پائالىيەت دائىرىسىدە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىستىراتېگىيەلىك تەتقىقات مەركىزى «SAM» بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىقى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئانالىز مەركىزى «AIR Center» ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.

كېلىشىمگە تۈركىيە تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىقى ئىستىراتېگىيەلىك تەتقىقات مەركىزى «SAM» نىڭ باشلىقى دوكتور ئۇفۇف ئۇلۇتاش بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىقى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئانالىز مەركىزى «AIR Center» نىڭ باشلىقى فەرىد شېفىيېۋ ئىمزا قويدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر