بۈگۈن تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كۈنى (بايرىمى)

تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كۈنى (بايرىمى)نىڭ ئۆزئارا ئىتتىپاقلىق كۈچەيگەن بىر مەزگىلدە تەبرىكىلىنىۋاتقانلىقى ئېلان قىلىندى.

بۈگۈن تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كۈنى (بايرىمى)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ قۇرۇلىشىغا دائىر ناھچىۋان ئەھدىنامىسىنىڭ 2009يىلى 3 - ئۆكتەبىردە ئىمزالانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئەھدىنامىنىڭ تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغانلىقى ۋە خاتىرە يىلىنىڭ ھەر يىلى «تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كۈنى» سۈپىتىدە ئالاھىدە تەبرىكلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، «10نۆۋەتلىك خاتىرە يىلى تەبرىكلىنىۋاتقان <تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كۈنى> 15ئۆكتەبىردە ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرك كېڭىشىنىڭ 7نۆۋەتلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا ئۆزبېكسىتاننىڭ تولۇق ئەزا سۈپىتىدە قاتنىشىشى شۇنداقلا تۈرك كېڭىشى ياۋروپا ئىشخانىسىنىڭ پائالىيەت باشلىشىغا شاھىت بولماقتىمىز. شۇ ۋەجىدىن بىزلىكىمىزتېخىمۇ كۈچەيگەن مەزگىلىدە بۇ كۈننى تەبرىكلىمەكتىمىز» دېيىلدى. 

ئۆتكەن 10 يىللىق مەزگىلدە تۈرك كېڭىشىنىڭ سىستېمىلىق ئورگانلىشىشى ئۈچۈن مۇھىم قەدەملەرنىڭ تاشلانغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن باياناتتا يەنە، «كېڭەش بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە بىرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتقان < تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى گەۋدىسى>، <خەلقئارا تۈرك كۈلتۈرى ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى>، <تۈرك ئاكادېمىيەسى>، <تۈرك كۈلتۈرى ۋە مىراسى فوندى جەمئىيىتى> شۇنداقلا <تۈرك كېڭىشى ئورتاق سودا سانائەت ئۇيۇشمىسى> قاتارلىق تەشكىلاتلار ئارقىلىق ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر تېخىمۇ كەڭ پۇختا ئاساسقا ئىگە قىلىندى. دوست ۋە قېرىنداش تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئورتاق تىلى، ئورتاق تارىخى ۋە كۈلتۈرىدىن كۈچ ئالغان تۈرك كېڭىشى ياۋرو ئاسىيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە باياشاتلىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشۇشنى نىشان قىلغان ھالدا كەلگۈسىگە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە» دېيىلدى.

تۈرك كېڭىشى 2009يىلى 3 - ئۆكتەبىردە قازاقىستاننىڭ قۇرغۇچى پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋنىڭ تەكلىپى بىلەن قۇرۇلغان ئىدى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر