ئافغانىستان تۈركلىرىنىڭ لىدېرى ئابدۇلكەرىم مەخدۇم ۋاپات بولدى

ئافغانىستان تۈركلىرىنى لىدېرى ۋە سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئابدۇلكەرىم مەخدۇم 77 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

1279088
ئافغانىستان تۈركلىرىنىڭ لىدېرى ئابدۇلكەرىم مەخدۇم ۋاپات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئابدۇلكەرىم مەخدۇمنىڭ ئوغلى مۇھەممەد سادىق مەخدۇم بايانات بېرىپ، ئۇزۇندىن بۇيان تۈركىيەدە داۋالىنىۋاتقان ئاتىسىنىڭ يېقىندا ئافغانىستاننىڭ جۈزجان ۋىلايىتى قىزىلئاياق يېزىسىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى ۋە مەزكۇر جايدا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىلدۈرۈلىشىچە، مەخدۇمنىڭ جەسىتى يېزىسىدىكى ئائىلە قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندىكەن.

1942 – يىلى ئافغانىستاننىڭ جۈزجان ۋىلايىتىگە قاراشلىق قىزىلئاياق يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن ئابدۇلكەرىم مەخدۇم 26 يېشىدا پارلامېنت ئەزاسى بولغان.

ئىككى باسقۇچ ئارقا – ئارقىدىن پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەخدۇم، ئافغانىستاندىكى مەكتەپلەردە تۈركچە دەرسلەرنىڭ ئۆتۈلۈشىنى ۋە ئافغانىستان مىللىي رادىيوسىدا تۈركمەن ۋە ئۆزبېك تىللىرىدا ئىككى سائەتلىك تارقىتىش بېرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان.

ئافغانىستاندىكى ھەرخىل تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن قۇرۇلغان «ئەركىن تۈركىستان» ئىسىملىك تۈرك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا باشلامچىلىق قىلغان مەخدۇم، 1978 – يىلى تۈركىيەگە كېلىپ ئىستىقامەت قىلىشنى باشلىغان.

ئۇ، 1982 – يىلى 4500 تۈرك ئەسىللىك ئافغان مۇساپىرنىڭ تۈركىيەگە كېلىشىدە ئالاھىدە رول ئوينىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر