سالىھى: تۈركىيە ھەردائىم ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ كەلدى

ئىران تۈركمەن فىرونتى باشلىقى ئەرشات سالىھى، تۈركىيەنىڭ ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنىڭ ئىراقلىقلارغا ناھايىتى پايدىلىق بولغانلىقىنى ئېيتتى.

سالىھى: تۈركىيە ھەردائىم ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تۈركمەن فىرونتى باشلىقى ئەرشات سالىھى، ئەربىلدىكى زىيارەتلىرى دائىرىسىدە تۈركىيەنىڭ ئەربىلدىكى باش كونسولى ھاقان قاراچاي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارغا بايانات بەردى؛ ئۇ، تۈركىيەنىڭ ھەردائىم ئىراقلىقلارنىڭ سېپىدە تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «تۈركىيە ھەردائىم ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ھىمايە قىلىپ كېلىۋاتقان بىر قوشنا دۆلەت. بۇنىڭ ھەردائىم ئىراقلىقلارغا ئالاھىدە پايدىسى بولدى» دېدى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ ياردەم قولىنى ئۇزۇتۇپ كېلىۋاتقان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، مەيلى ئىنسانىي جەھەتتە بولسۇن، مەيلى يارىدارلارنى داۋالاش جەھەتتە بولسۇن، ئىزچىل ھالدا ئىراقلىقلارغا ئىشىكىنى ئوچۇق تۇتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باش كونسول ھاقان قاراچايمۇ، سالىھى بىلەن ھەرخىل تېمىلار بويىچە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر