ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەنى تاغلىق قاراباغ سىياسىتىنى تۈزىتىشكە چاقىردى

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلمار مەمەدياروۋ، ئەرمېنىيەنى تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىنى تۈزىتىشكە چاقىردى.

ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەنى تاغلىق قاراباغ سىياسىتىنى تۈزىتىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ 74 – نۆۋەتلىك ئومۇمى كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلغان ئەلمار مەمەدياروۋ، ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئارسىدىكى ھازىرغىچە ھەل قىلىنالمىغان تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىنىڭ خەلقئارانىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆتكەن يىلقى ئومۇمىي كېڭەش يىغىنلىرىدىن بۇيان تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى يولىدا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مەمەدياروۋ، ئەرمېنىيەنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا بىپەرۋالىقىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئەرىۋاننىڭ، ھەم سۆزلىرى ھەم ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق سىياسىي مۇساپىنى رېلىسىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىگە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تىنچ ئۇسۇلدا چارە تېپىش تىرىشچانلىقلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مەمەدياروۋ، «ئەرمېنىيە، خەلقئارا جەمئىيەتنى ۋە ئۆز خەلقىنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن ۋاقىت سەرپ قىلىشنىڭ ئورنىغا داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان مەۋجۇت ھالەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا خاتىمە بېرىشى ۋە خەلقئارادىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. ئەرىۋان، زىيان سالغۇچى سىياسىي پىلانىغا قانچىلىك بۇرۇن خاتىمە بەرسە، خەلقلىرىمىزمۇ تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە ھەمكارلىقتىن شۇنچىلىك بۇرۇن پايدىلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ، ئەرمېنىيە رايوندىكى «دۈشمەنلەرچە» سىياسىتىگە خاتىمە بەرگەن تەقدىردە، بۇ سىياسەت تۈپەيلى دۇچ كەلگەن ئېغىر سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي يۈكتىنمۇ تېزلا قۇتۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نكول پاشىنيان بولسا، ئومۇمىي كېڭەشتىكى سۆزىدە، ئەزەربەيجاننىڭ يارىشىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر