قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى تۈركىيە سودا-سانائەتچىلىرىنى مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سورونباي جەئېنبېكوۋ تۈركىيەنىڭ قىرغىزىستانغا مۇستەقىل بولغان كۈندە 600 مىليون دوللار قىممىتىدە مەبلەغ سالغانلىقىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى تۈركىيە سودا-سانائەتچىلىرىنى مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر تۈركىيەلىك كارخانىچىنىڭ بىشكەكتە ئاچقان مېھمانسارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن قىرغىزىستان-تۈركىيە سودا-سانائەت مۇنبىرى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا، قىرغىزىستاننىڭ ھەر قايسى مىنىستىرلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى، تۈركىيەنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى سەردار چام، دۇنيا ئېتنوسپور كونفېدېراتسىيەسىنىڭ باشلىقى بىلال ئەردوغان ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ نۇرغۇن سودا-سانائەتچىلىرى قاتناشتى.

قىرغىزىستدن پىرېزىدېنتى جەئېنبېكوۋ: «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىككى دۆلەت سودا ئومۇمىي سوممىسىنى ھازىرقى 400 مىليون دوللاردىن 1 مىليارد دوللارغا چىقىرىش ئىمكانىيەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدۇق. بۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ نىشانىمىزغا قاراپ قەدەم تاشلىشىمىز كېرەك. تۈركىيە سودا-سانائەتچىلىرىنى قىرغىزىستاندا قاتناش، ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش تېخنولوگىيەلىرى ۋە ساياھەت ساھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشقا تەكلىپ قىلىمىز. تۈركىيەلىك سودا-سانائەتچىلەرنى مەبلەغ سېلىشقا چاقىرىمەن. تۈرك دوستلىرىمىزغا ئىشىكىمىز ھەر قاچان ئوچۇق. تۈرك شېرىكلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىقلىرىمىزنى كۆپ تەرەپتىن چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايمىز» دېدى.

ئۇ قىرغىزىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان گۆش، ھەسەل، ياڭاق-پۇرچاقلارنى ۋە گۈلە-قاقلارنى تۈركىيە بازارلىرىدا كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.

ئۇ قىرغىزىستاندا سودا قىلىش شەرتلىرىنىڭ ئاسانلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«قىرغىزىستاندا يېڭى شىركەت قۇرۇش ئىشىنى ئۈچ كۈندە قىلغىلى بولىدۇ. يېڭى شىركەتلەردىن ئۈچ يىلغىچە باج ئېلىنمايدۇ. قوشۇمچە قىممەت بېجى %12 بولسا، كىرىم بېجى بىلەن ساپ پايدا بېجى %15. قىرغىزىستاندا چوڭ شەھەرلەردىن باشقا جايلاردا شىركەت قۇرغانلاردىن كىرىم، سېتىش ۋە مۈلۈك بېجى بەش يىلدىن 10 يىلغىچە ئېلىنمايدۇ. تېخنولوگىيە ئىمپورت قىلغان شىركەتلەردىن تاموژنا بېجى ئېلىنمايدۇ.»

ئۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كېلەركى ئايدا ئەزەربەيجاندا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ۋە بۇ كۆرۈشۈشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر