ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە ئالدىنقى سېپىدە بىر ئەزەربەيجان ئەسكىرى شېھىت بولدى

ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە فىرونتىدا ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ بىر ئەسكىرى ئەرمېنىيە تەرەپنىڭ ئوقىدا شېھىت بولدى.

ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە ئالدىنقى سېپىدە بىر ئەزەربەيجان ئەسكىرى شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، رامىن ئابدۇراھمانوۋ ئىسىملىك بىر ئەسكەرنىڭ، تۈنۈگۈن سەۋەنلىك بىلەن ئىستىھكاملار ئارىسىدىكى بىر جايغا كىرگەنلىكىنى ۋە ئەرمەن ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەسكەرنىڭ جەسىتىنى بىخەتەر ھالدا قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئەزەربەيجان تەرەپنىڭ خەلقئارا قىزىل كىرىس كومىتېتىغا ئىلتىماس سۇنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مىنىستىرلىق، ئەرمېنىيە مېدىياسىنىڭ ئەزەربەيجان ئارمىيەسنىڭ ئالدىنقى سەپتە ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالىرىنىمۇ رەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر