تۈركىيە قىرغىزىستانغا داۋاملىق ياردەم بەرمەكتە

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسى قىرغىزىستانغا داۋاملىق ياردەم بەرمەكتە.

تۈركىيە قىرغىزىستانغا داۋاملىق ياردەم بەرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسىنىڭ ياردىمى سايىسىدا قىرغىزىستاننىڭ تالاس رايونىدىكى باقاي – ئاتا ناھىيەسى مەدەنىيەت مەركىزى رېمونت قىلىنغاندىن كېيىن، قىرغىزىستان پارلامېنت باشلىقى داستانبېك جۇمابېكوۋ، تۈركىيەنىڭ بىشكەك باش ئەلچىسى جەنگىز كامىل فىرات، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسىنىڭ بىشكەكتىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مەسئۇلى ئەلى مۇسلۇ تەرىپىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

جۇمابېكوۋ، ناھىيە ئاھالىسىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن باقاي – ئاتا ناھىيەسى مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، قېرىنداش ۋە دوست دۆلەت تۈركىيەنىڭ ياردىمى سايىسىدا مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يېڭىلانغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئېيتتى. تالاس شەھىرىدىن 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قارا بۇرا ناھىيەسىدىكى تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسىنىڭ بالىلار يەسلىسى قۇرۇلۇشىمۇ جۇمابېكوۋ تەرىپىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر