ۋېنگىرىيەدە تۈرك كېڭىشىنىڭ تەشۋىقات ئىشخانىسى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلىدۇ

ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپىشتتا تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ (تۈرك كېڭىشى) نىڭ تەشۋىقات ئىشخانىسى بۈگۈن خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلىدۇ.

ۋېنگىرىيەدە تۈرك كېڭىشىنىڭ تەشۋىقات ئىشخانىسى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت بوداپىشتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە سودا ئىشلىرى مىنىستىر پېتېر سىججارتو، قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىنگىز ئايداربېكوۋ، ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلمار مەمەدياروۋ، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇختار تلەئۇبەردى ۋە تۈرك كېڭىشى باش كاتىپى باغداد ئامرېيېۋ ئىشتىراك قىلىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان چاۋۇشئوغلۇ قاتارلىق مىنىستىرلار ۋېنگىرىيە پىرېزىدېنتى ۋىكتور ئوربان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «2014 – يىلى تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى ئانسامبىلىغا، 2018 – يىلى تۈرك كېڭىشى ۋە تۈرك ئاكادېمىيەسىگە كۆزەتكۈچى ئەزا بولغان ۋېنگىرىيە بىلەن تۈرك كېڭىشى ئارىسىدىكى ھەمكارلىق مەزكۇر ئىشخانىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن مۇئەسسەسەۋى سەۋىيەدە گۈللىنىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر