ئۆزبېكىستاندا ئەركىن ئىقتىسادىي رايونى قۇرۇلىدۇ

ئۆزبېكىستاندا ھەر تۈرلۈك باج ۋە تاموژنا بېجى ئېلىنمايدىغان ئەركىن ئىقتىسادىي رايونى قۇرۇلىدۇ.

ئۆزبېكىستاندا ئەركىن ئىقتىسادىي رايونى قۇرۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ قەشقەدەريا شەھىرىدە ئەركىن ئىقتىسادىي رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار قارارنامىنى ئىمزالىغان.

قارارنامە ئارقىلىق ئەركىن ئىقتىسادىي رايوندا قوشۇلما قىممەت يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يۈتكۈزۈلىدىكەن، زامانىۋى تېخنولوگىيەلەردىن پايدىلىنىپ، ئېكىسپورتنى نىشان قىلغان ھالدا يەرلىك ۋە چەت سەرمايىىگە ئاساسلىنىدىغان شىركەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشى تەشۋىق قىلىنىدىكەن.

ئەركىن ئىقتىسادىي رايونىدا قۇرۇلىدىغان شىركەتلەردىن، 10 يىلغىچە ھەر تۈرلۈك باج ۋە تاموژنا بېجى ئېلىنمايدىكەن. ئەركىن ئىقتىسادىي رايونىنىڭ پائالىيىتىنىڭ مۇددىتى دەسلەپكى قەدەمدە 30 يىل بولۇپ، كېيىنچە بۇ مۇددەت پەيدەرپەي ئۇزارتىلىدىكەن.

3 مىليون دوللارغىچە مەبلەغ سالىدىغان شىركەتلەردىن 3 يىل، 5 مىليون دوللارغىچە مەبلەغ سالىدىغان شەركەتلەردىن 5 يىل، 10 مىليون دوللارغىچە مەبلەغ سالىدىغان شىركەتلەردىن بولسا 10 يىل  ھەر تۈرلۈك باج ۋە تاموژنا بېجى ئېلىنمايدىكەن.

ئەركىن ئىقتىسادىي رايونىدا قۇرۇلىدىغان شىركەتلەر ئىمپورت قىلىدىغان خام ماددا، ماتېرىيال ۋە زاپاس زاپچاس قاتارلىقلاردىنمۇ تاموژنا بېجى ئېلىنمايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر