ئۆزبېكستان تۈرك كېڭىشىگە ئەزا بولىدۇ

قازاقىستان، ئۆزبېكستاننىڭ تۈرك تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى (تۈرك كېڭىشى) گە ئەزا بولۇشىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۆزبېكستان تۈرك كېڭىشىگە ئەزا بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزبېكستاننىڭ تۈرك كېڭىشىگە ئەزا بولۇشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئۆزبېكستاننىڭ تۈرك كېڭىشىگە ئەزا بولۇشىنىڭ مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى ۋە تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن مۇھىم بولغان بۇ قارارنىڭ، نەھچىۋان كېلىشىمى تۈزۈلگەنلىكىگە 10 يىل توشقان كۈنگە توغرا كەلگەنلىكى خاتىرىلىتىلدى.

باياناتتا، ئۆزبېكستاننىڭ تۈرك كېڭىشىگە ئەزا بولۇشىنىڭ، ھەم تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر-بىرى بىلەن بىر گەۋدىلىشىشىنى ھەمدە كېڭەشتىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۆزبېكستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايېۋ ئۆتكەن ھەپتە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قارارنامەنى ئىمزالىغان ئىدى.

تۈرك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر پىرېزىدېنتلىرىنىڭ 2019-يىلى 15ئۆكتەبىردە ئۆزبېكستاننىڭ تۈرك كېڭىشىگە ئەزالىقىنى تەستىقلىشى كۈتۈلمەكتە.

تۈرك كېڭىشى 2009-يىلى 3-ئۆكتەبىردە قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر