تۇنجى قېتىملىق ئاسىيالىق يازغۇچىلار ئۇچرىشىشى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۇنجى قېتىملىق ئاسىيا دۆلەتلىرى يازغۇچىلىرى مۇنبىرى يىغىلىشى 4 – سېنتەبىردىن 6 – سېنتەبىرگىچە قازاقىستاننىڭ پايتەختى نۇرسۇلتاندا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

تۇنجى قېتىملىق ئاسىيالىق يازغۇچىلار ئۇچرىشىشى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى نۇرگىسا دائۇشېۋ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يازغۇچىلار مۇنبىرى يىغىنىغا 38 دۆلەتتىن 300 گە يېقىن يازغۇچى ۋە ئەدەبىياتچىنىڭ ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «تۇنجى قېتىم ئېچىلىدىغان بۇ يىغىن، ئاسىيا دۆلەتلىرى يازغۇچىلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى، ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ گۈللىنىشى يولىدىكى تەجرىبىلەرنى ئالماشتۇرۇشنى ۋە ئاسىيا ئەدەبىياتىنىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە چارە ئىزدەش قاتارلىقلارنى نىشان قىلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر