قازاقىستاندا تېپىلغان ئالتۇن ئادەم ئەنقەرەدە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ

قازاقىستاندا بۇندىن 50 يىل بۇرۇن تېپىلغان ۋە مىلادىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىرگە تەۋە بولغان «ئالتۇن كىيىملىك ئادەم» دەپ ئاتىلىدىغان ئالتۇندىن ياسالغان ساۋۇت كىيىم ئەنقەرەدە 12-سېنتەبىردىن 12-ئۆكتەبىرگىچە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

قازاقىستاندا تېپىلغان ئالتۇن ئادەم ئەنقەرەدە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان ئەلچىخانىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، مىلادىدىن بۇرۇنقى ساك دەۋرىگە تەۋە «ئالتۇن ئادەم» ياكى يەنە بىر ئاتىلىشى بويىچە «ئالتۇن كىيىملىك ئادەم»، ئانادولۇ مەدەنىيەتلىرى مۇزېيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلىدىكەن.

قازاقىستان دۆلەت مۇزېيىدا قوغدىلىدىغان «ئالتۇن كىيىملىك ئادەم»، بېلارۇسىيە، ئەزەربەيجان، رۇسىيە، خىتاي، پولشا ۋە جەنۇبىي كورېيەدە كۆرگەزمە قىلىنغان ئىدى.

1969-يىلى قازاقىستان ئارخېئولوگلىرى تەرىپىدىن ئالمۇتا شەھىرى ئەتراپىدىكى ئەسىك دەريا بويىدىن تېپىلغان «ئالتۇن كىيىملىك ئادەم»، مىلادىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردە ياشىغان ساك دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئالتۇن ئىشلەش تېخنىكىسىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. مىڭلارچە ئالتۇن پارچىسى بىلەن قاپلانغان ئالتۇن ئادەمنىڭ ئالتۇندىن ياسالغان كۆڭلەك، ئۆتۈك ۋە قالپىقى بار. قەبرىدىن تېپىلغان ئالتۇن ھالقا ۋە ئۈزۈكلەرنىڭمۇ ئۇنىڭغا تەۋە ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنىدۇ.

ئالىملار تەرىپىدىن «قازاقىستانلىق تۇتانكامون» دەپ نام بېرىلگەن ئالتۇن ئادەمنىڭ، 18 ياشلىق ساك ئەسكىرى ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر