ئۆزبېكىستاندا كەچۈرۈم ئېلان قىلىندى

ئۆزبېكىستاندا مۇستەقىللىق بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن كەچۈرۈم ئېلان قىلىندى.

ئۆزبېكىستاندا كەچۈرۈم ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىگە قاراشلىق مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى بايانات بېرىپ، پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقكە ئېرىشكەنلىكىنىڭ 28 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «جىنايەت سادىر قىلغانلىقىغا پۇشايمان قىلىپ، قەتئىي تۈزىلىش يولىغا كىرگەن مەھبۇسلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى»نى مەزمۇن قىلغان بىر پارچە قارارنامەنى ئىمزالىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

قارارنامەدە كۆرسىتىلىشىچە، جەمئىي 65 مەھبۇس كەچۈرۈمدىن پايدىلانغان؛ بۇ دائىرىدە 13 نەپىرى شەرتلىك ھالەتتە بولۇپ جەمئىي 30 مەھبۇس قويۇپ بېرىلگەن، 20 مەھبۇسنىڭ جازاسى يەڭگىللىتىگەن، قالغان مەھبۇسلارنىڭ جازا مۇددەتلىرى قىسقارتىلغان.

كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ قويۇپ بېرىلگەن مەھبۇسلارنىڭ جەمئىيەتكە ماسلىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىقلار ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا ۋەزىپە تاپشۇرۇلغان.

باياناتتا، كەچۈرۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ 39 نەپىرىنىڭ قانۇنسىز تەشكىلات ئەزاسى، 5 نەپىرىنىڭ ئايال، بىرىنىڭ 60 ياشتىن ھالقىغان بىر بوۋاي، يەنە بىرىنىڭ چەت ئەللىك ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر