ئۆزبېكىستان، مۇستەقىللىقىنىڭ 28 يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە

پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيايېۋ، ئەجدادلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ھالدا مۇستەقىللىق يولىدىن قەتئىي ۋاچ كەچمەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئۆزبېكىستان، مۇستەقىللىقىنىڭ 28 يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت تاشكەنتتىكى فورۇملار سايىرىدا ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 28 يىللىقى خاتىرىلەندى. مۇراسىمغا پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيايېۋ، ھۆكۈمەت ئەزالىرى، چەت ئەللىك دىپلوماتلار ۋە كۆپ ساندا مېھمان ئىشتىراك قىلدى. پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيايېۋ مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ تەرەققىياتنىڭ يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «جاسارەتلىك ۋە قەتئىي ئىرادىلىك خەلقىمىز، ئېغىر سىناق ۋە مۈشكۈلاتلارغا قارىماي، ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، ھەردائىم ئۆزى تاللىغان مۇستەقىللىق يولىدا چىڭ تۇردى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۆزبېكىستاندىكى دېموكراتىك مۇساپىنىڭ ئارقىغا يانالمايدىغان بىر باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيايېۋ، «بۇ يورۇق كۈنلەرنى يارىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ، 33 مىليون خەلقىمىزنىڭ، بىزگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ نەزىرى بىلەن قاراۋاتقان ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن، مۇستەقىللىق يولىدىن ھەرگىزمۇ قايتمايمىز. كەلگۈسىنىڭ بۈيۈك ئۆزبېكىستانىنى ھەممىمىز بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىمىز» دېدى.

مۇستەقىللىق بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشقانلار، پىرېزىدېنت مىرزېيايېۋ تەرىپىدىن ئىمزالانغان قارارنامىگە ئاساسەن، دۆلەت مۇكاپاتى ۋە مېدالى بىلەن مۇكاپاتلاندى.

پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيايېۋ مۇراسىمدىن ئىلگىرى مۇستەقىللىق ۋە ياخشىلىق خاتىرە مۇنارىنى زىيارەت قىلىپ گۈل – چەمبىرەك قويدى، سابىق سوۋېت تۈزۈمى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۆزبېك زىيالىيلىرىغا بېغىشلاپ تىكلەنگەن شېھىتلەر خاتىرە قەبرىستانلىقىغا بېرىپ دۇئا قىلدى.

ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 28 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۆلەت مىقياسىدا 3 كۈنلۈك رەسمىي تەتىل ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر