تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئۆزئارا ۋىزىلارنى ئەمەلدىن قالدۇردى

1 – سېنتەبىر (2019) دىن تارتىپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ۋىزا تۈزۈمىگە ئاساسەن، ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىدىن 30 كۈنگىچە بولغان ساياھەتلىرىدە ۋىزا تەلەپ قىلىنمايدۇ.

تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئۆزئارا ۋىزىلارنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باكۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەركان ئۆزئورال، «يېقىنقى مەزگىللەردە ئېلېكترونلۇق ۋىزا ئارقىلىق بۇ ئىش قولايلاشقانىدى، ۋىزىنىڭ پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىشىنىڭ ئەسلىدە سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى بار. بىزنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بىر دۆلەت ئىككى مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ناھايىتى مۇھىم بىر قەدەم» دېدى.

قارارنى 25 – ئىيۇل كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر