پومپېيو: خىتاي ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئارقىلىق خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارشى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پومپېيو: خىتاي ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئارقىلىق خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر پومپېيو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر توغرۇلۇق ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاممىۋى ھالدا تۇتقۇن قىلىش سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتىلغان ئاممىۋى ھالدا تۇتقۇن قىلىش ۋە يوقىتىش ۋەقەلىرى توغرۇلۇق داۋاملىق ئىشەنچىلىك دوكلاتلار كېلىۋاتىدۇ. خىتاينى يەنە بىر قېتىم ھەم خەلقئارا قانۇننى ھەم ئۆزىنىڭ قانۇن – بەلگىلىمىلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان بۇنداق باستۇرۇش تاكتىكىلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىمەن.»

خەلقئارا جامائەتچىلىك خىتاينى يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر تۈركلىرى ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدا ئاستىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان لاگېرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن تەنقىد قىلماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 22 دۆلەت، 11 – ئىيۇل كۈنى بېيجىڭغا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىقلارغا قاراتقان مۇئامىلىسىنى تەنقىد قىلىپ، ھەمدە خىتاينى ئاممىۋى ھالدا نازارەت ئاستىغا ئېلىش ۋەقەلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىپ، مەكتۇپ يوللىغانىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كۆپ ساندا كىشىنىڭ «خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى» نامى ئاستىدا بىگۇناھ ھالدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، «سىياسىي جەھەتتىن خەتەرلىك» دەپ قارالغان شەخسلەرنىڭ ھېچقانداق بىر ئەدلىيە ئورگانىنىڭ قارارى بولماستىنلا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر