ھازار دېڭىزىغا چۈشۈپ كەتكەن ئەزەربەيجان ئۇچقۇچىسىنىڭ جەسىتى تېپىلدى
ئەزەربەيجاندا مەشىق ئۇچۇشى جەريانىدا ھازار دېڭىزىغا چۈشۈپ كەتكەن ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئۇچقۇچىسىنىڭ جەسىتى تېپىلدى.
1255607
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھازار دېڭىزىغا چۈشۈپ كەتكەن ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئۇچقۇچىسىنىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ىىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، ئۇچقۇچى رەشات ئاتاكىشىيېۋنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقى ۋە ئەتە (21-ئاۋغۇست) مۇراسىم بىلەن يەرلىككە قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى.
ئايروپىلان قالدۇقىنى ۋە ئۇچقۇچىسىنى تېپىش خىزمەتلىرىگە، تۈركىيە دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىقىنىڭ 10 كىشىلىك دېڭىز ئاستى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترىتى قاتناشقان ئىدى.
ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قىلغان ياردىمى سەۋەبىدىن تۈركىيەگە تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.
ئەزەربەيجان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «MiG-29» تىپلىق ئايروپىلانى، 2019-يىلى 24-ئىيۇل كەچتە مەشىق جەريانىدا ھازار دېڭىزىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.