سابىق پىرېزىدېنت ئالمازبېك ئاتامبايېۋنىڭ مال – مۈلكى توڭلىتىپ قويۇلدى

قىرغىزىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن 8 – ئاۋغۇستتا نازارەتكە ئېلىنغان سابىق پىرېزىدېنت ئالمازبېك ئاتامبايېۋ ھەققىدىكى تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەكشۈرۈشلەر دائىرىسىدە، ئۇنىڭ قىرغىزىستاندىكى بارلىق مال – مۈلكى توڭلىتىپ قويۇلدى.

سابىق پىرېزىدېنت ئالمازبېك ئاتامبايېۋنىڭ مال – مۈلكى توڭلىتىپ قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان باش تەپتىش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئاتامبايېۋغا ۋە ئائىلىسىگە تەۋە ئىكەنلىكنى ئېنىقلانغان بانكىلاردىكى ۋە باشقا شىركەتلەردىكى بارلىق مال -مۈلكى، بانكا ھېسابلىرى، مۇقىم ۋە مۇقىمسىز مۈلۈكلىرى شۇنداقلا پاي ۋە ھەسسىلىرى توڭلىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئاتامبايېۋغا، ئايالىغا ۋە شىركىتىگە تەۋە مال مۈلۈكلەرنىڭ تېزىملىكى ئېلان قىلىنىپ، «ئاتتامبايېۋغا ئائىت ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان قىرغىزئاۋتوماش ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ھەسسەدارلىق شىركىتى، ئاپرىل تېلېۋزىيەسى ۋە قانا د تېلېۋىيەسى، ئاپرېل فوندى جەمئىيىتى، دۆلەتلىك سىجىل ئىنسانىي تەرەققىيات مۇتەخەسسىسلىرى كېڭىشى جەمئىيىتى، سالامەتلىك، ئۈزۈن ئۆمۈر ۋە تىببىي تەتقىقات، ئوقۇ ئوقۇتۇش مەركىزى، رادىيو - تېلېۋىزىيە سالاھىيەتلىك كىشىلىرى بىرلىكى، قىرغىزئاۋتوماش سالاھىيەت كىشىلىرى بىرلىكىگە تەۋە 25 بانكىدىكى خۇسۇسىي ساندۇقلاردىن باشقا يەنە، ئاتامبايېۋغا تەۋە 5 دانە ئالىي دەرىجىلىك ئاپتوموبىل، بىر ئۆي، بىر يايلاق، 3 باغ، 4 پارچە زېمىن، ئاتامبايېۋنىڭ ئايالى رەئىسە ئاتابايېۋغا تەۋە قورو جاي ۋە ئۆي، 3 ئاپتوموبىل، قىرغىزئاۋتوماش شىركىتىگە ئائىت 10 دىن كۆپرەك قۇرۇ جاي، مۇقىم، مۈلك، ئاپتوموبىل، زېمىن، ئىسكىلات ۋە  مۇئەسسىسەلەر توڭلىتىلدى» دېيىلدى.

ساقچىلار قىزغىزىستان پارلامېنتى تەرىپىدىن ئاتامبايېۋنىڭ چىقىلالماسلىق سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، مافيا رەھبىرى ئەزىز باتۇكايېۋنىڭ 2013يىلدا قانۇنسىز ھالدا قويۇپ بېرىلىشىگە چېتىشلىق دېلو دائىرىسىدە، ئاتامبايېۋنىڭ گۇۋاھچى سۈپىتى بىلەن بايانات بېرىشى ئۈچۈن 3 قېتىم سوتقا تەكلىپ قىلىنغان ئىدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈش كەمىتېتىنىڭ 3قېتىم تەكلىپ يوللىغانلىقىغا قارىماستىن كېلىشىنى رەت قىلغان ئاتامبايېۋنى تۇتۇپ كېلىپ مەجبۇر سوتقا ئېلىپ چىقىش مەقسىتىدە، 7ئاۋغۇست كۈنى كايتاش يېزىسىدىكى ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن سۈركىلىشتە بىر ساقچى ئۆلۈپ، 6 ساقچى ئاتامبايېۋنىڭ قوللىغۇچىلىرى تەرىپدىن گۆرۈگە تۇتۇۋىلىنغاندىن سىرت، 100 گە يىقىن ساقچى ۋە ئالاھىدە ساقچى قىسىم خادىملىرى يارىدار قىلىنغان ئىدى.

ئاتامبايېۋ شۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە نازارەتكە ئېلىنغان بولۇپ، بىشكەك پېرۋوماي ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى ئۇنى قىزغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ نازارەتخانىسىدا 26ئاۋغۇستقىچە تۇتۇپ تۇرۇشقا ھۇكۈم قىلدى.

ئاتامبايېۋ چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەتكە ئېلىنغاندىن باشقا يەنە، جىنايەت ئۆتكۈزۈش، باشقىلارنى جىنايەتكە تەشەببۇس قىلىش ۋە ئىنسانلارنى گۆرۈگە تۇتۇۋىلىش جىنايىتى بىلەنمۇ سوت قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. 

ئالمازبېك ئاتامبايېۋ 2011يىلىدىن 2017يىلىغا قەدەر قىزغىزىستاننىڭ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر