ئەرمېنىيە ئەسكىرى ئەزەربەيجاندىن پاناھلىق تىلىدى
ئەرمېنىيە – ئەزەربەيجان ئالدىنقى سېپىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قىسىملاردىكى بېسىملارغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن بىر ئەرمېنىيە ئەسكىرى ئەزەربەيجاندىن پاناھلىق تىلىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەرمېنىيە - ئەزەربەيجان ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ فۇزۇلى رايونىدىكى ئەرمېنىيە قىسىملىرىدىن قاچقان ئارو كازاريان ئىسىملىك بىر ئەرمېنىيە ئەسكىرى ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرىگە تەسلىم بولغان. ئۇ سوراق قىلىنىش جەريانىدا، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىلەرگە دۇچ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، قىسمىنى تەرك ئەتكەنلىكىنى ئېيتقان. باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، كازاريان قوماندانلىرى ۋە باشقا ئەسكەرلەرنىڭ فىزىكىلىق ھەم پىسخولوگىيەلىك بېسىملىرىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، بەدىنى پۈتۈنلەي يارا ئىچىدە بولغاچقا، دوختۇرخاناىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مىنىستىرلىق ئۇنىڭ فوتو سۈرەتلىرىنى تارقاتقان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئەزەربەيجاندا شەھەر-يېزا ۋە كەنت مەجلىس ئەزالىقى ئۈچۈن سايلام ئۆتكۈزۈلدى
ئەزەربەيجاندا شەھەر، يېزا-بازار ۋە كەنت مەجلىس ئەزالىقى ئۈچۈن سايلام ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.