«تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىسنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى جان تىكىپ قوغدايمىز»

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى جان تىكىپ قوغدايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

TCG Gemlik firkateyni.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرى بىلەن بىرلىكتە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار، تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن ياۋۇز نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش پاراخوتىغا ياردەم بېرىۋاتقان « TCG گەملىك قوغدىغۇچى پاراخوتى» نى زىيارەت قىلدى.

بۇ يەردە، دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە ئەگە دېڭىزىدىكى پائالىيەتلىرى توغرۇلۇق ئۇچۇر ئىگىلىگەن ۋە يوليورۇقلارنى بەرگەن ئاقار، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە ئەگە دېڭىزىدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇلۇشىغا ئەسلا يول قويمايدىغانلىقلىرىنى، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئىناق قوشنىدارچىلىق ۋە خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھەمىشە تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «باشقىلار ئاقدېڭىزدا نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرگەي، تەبىئىي بايلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولغاي، ھەم قىبرىس خەلقى ھەم تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى ھەمدە 82 مىليون خەلقىمىز بۇنىڭغا قولىنى قاۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرغاي. دۇنيادا بۇنداق ئىشمۇ بولامدۇ؟ ھېچكىم بىزدىن بىزنىڭ بۇنداق قىلىشىمىزنى كۈتمىسۇن. چۈنكى بىز ھەم تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ، ھەم قىبرىس خەلقىنىڭ، ھەمدە ئەزىز خەلقىمىزنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى جان تىكىپ قوغدايمىز. بۇ ھەقتىكى ئىرادىمىز قەتئىيدۇر. جۈملىدىن، بۇ مەسىلىدە بىزنىڭ قۇدرىتىمىزنى، كۈچىمىزنى ھېچكىم سىناق قىلىمەن دەپ خام خىيال قىلمىسۇن.»

ئاقار قىبرىس ئارىلىدىكى زىيارەتلىرى دائىرىسىدە چېگرا لىنىيەلىرىنىمۇ كۆزدىن كەچۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر