ئالمازبېك ئاتامبايېۋ ئۆيىگە تەكشۈرۈشكە كەلگەنلەرگە قورال ئىشلەتكەنلىكىنى ئېيتتى

سابىق قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋ بۈگۈن ئۆيىنىڭ ئالدىدا توپلانغان قوللىغۇچىلىرىغا سۆز قىلىپ، خەلقنى يىغىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

1250144
ئالمازبېك ئاتامبايېۋ ئۆيىگە تەكشۈرۈشكە كەلگەنلەرگە قورال ئىشلەتكەنلىكىنى ئېيتتى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالمازبېك ئاتامبايېۋ: «قوللىغۇچىلىرىمنىڭ تەلىپىگە بىنائەن «Forum Plaza» نىڭ ئالدىدا (يەنى ئىجتىمائىي دېموكراتچىلار پاتىيەسىنىڭ مەركىزىي ئىشخانىسى ۋە بەزى مېدىيا ئورگانلىرىنىڭ ئىشخانىسى جايلاشقان بىنا) نىڭ ئالدىدا بۈگۈن (شۇ يەرنىڭ ۋاقتى) سائەت 16:30 دا توپلىنىدىغان بولدۇق» دېدى.

ئالمازبېك ئاتامبايېۋ تۈنۈگۈن ئۆيىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئۈستىدە توختىلىپ، «بۇنىڭدىن ئىلگىرى كېرەكلىك بولغاندا قورال ئىشلىتىدىغانلىقىمنى ئېيتقان ئىدىم. بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمغا پىسەنت قىلىشمىدى. بۇ يەردە پەقەت مەندىلا قورال بار. پۇقرالارنىڭ قولىدا قورال يوق. تۈنۈگۈن قورالنى ئىشقا سالدىم» دېدى.

بۇ تەكشۈرۈش ھەرىكىتىگە ھۆكۈمەتنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئالمازبېك ئاتامبايېۋ، «Forum Plaza» نىڭ ئالدىدا يىغىلغاندىن كېيىن، پىرېزىدېنتلىق سارىيىغا يۈرۈش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

قىزغىزىستان پارلامېنى باياناتچىسى ئىبراھىم نۇراكۇن ئۇلۇمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، پارلامېنت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭمۇ پەۋقۇلئاددە جىددىي يىغىن چاقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر