كەركۈكتە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلاندى

ئىراقتا كەركۈكنىڭ غەربىي قىسمىنى مۇسۇلغا تۇتاشتۇرىدىغان رايوندا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلاندى.

1248693
كەركۈكتە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلاندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك ھەربىي ھەرىكەتلەر قوماندانى گېنېرال سائاد ھەربىيە: «كەركۈكنىڭ غەربي قىسمىنى مۇسۇلغا تۇتاشتۇرىدىغان رايوندا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلاندى. ھەربىي ھەرىكەتنىڭ 10 كۈن داۋاملىشىشى پىلانلانماقتا» دېدى.

گېنېرال سائاد ھەربىيە كەركۈك مۇسۇل ئوتتۇرىسدىكى لېنىيەنىڭ پات پات بىخەتەرلىك خادىملىرىنى نىشان قىلغان دائېش ھۇجۇملىرىغا سەھنە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيەسىدىن باشقا يەنە، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئەترەتلىرى بىلەنمۇ بىرلىكتە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈردى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش 2014يىلى ئىيۇن ئېيىدا مۇسۇل قاتارلىق ئىراق زېمىنىنىڭ ئۆچتەن بىرىنىڭ كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈۋالغان ئىدى. ئىراق ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرى 2017يىلى دېكابىردا مەزكۇر جايلارنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسىمىنى تارتىپ ئالغان ئىدى.

دائېش رايوندىن قوغلاپ چىقىرىلغان ۋە شەھەرلەر قايتۇرۇلۇپ ئېلىنغان بۇلۇشىغا قارىماستىن، كەركۈك، دىيالا، مۇسۇل، سالاھىددىن ۋە ئەنبار ۋىلايەتلىرىنىڭ يېزا قىشلاقلىرىدا ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر