ئۆزبېكستان ئىقتىسادىدا تەرەققىيات كۆرۈلمەكتە

ئۆزبېكستاننىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2019-يىلىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا %5.8 ئېشىپ 222 تىرىلىيون 22 مىليارد سومغا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1242930
ئۆزبېكستان ئىقتىسادىدا تەرەققىيات كۆرۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكستان دۆلەت ئىستاتىستىكا كومىتېتى 2019-يىلىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغا مۇناسىۋەتلىك مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى رەقەملىرىنى ئېلان قىلدى.

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2019-يىلى يانۋاردىن ئىيۇنغىچە بولغان مەزگىلدە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %5.8 ئېشىپ 222 تىرىلىيون 22 مىليارد سوم (تەخمىنەن 26 مىليارد دوللار) غا يەتكەن. بۇ مەزگىلدە سانائەت ساھەسى %6.9، يېزا ئىگىلىكى، ئورمان ۋە بېلىقچىلىق ساھەسى %2.1، قۇرۇلۇش ساھەسى %20، قاتناش-تىرانسىپورت %5.1، مۇلازىمەت كەسپى %4.1 ئاشقان. بۇ مەزگىلدە، سانائەت ساھەسى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %30.3 نى، يېزا ئىگىلىكى، ئورمانچىلىق ۋە بېلىقچىلىق %24.3 نى، قۇرۇلۇش ساھەسى % نى7.6، مۇلازىمەت كەسپى %37.8 نى ئىگىلىگەن.

2018-يىلى ئۆزبېكستاننىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %5.1 ئېشىپ 407 تىرىلىيون سومغا يەتكەن بولۇپ، سانائەت ساھەسى %10.6، يېزا ئىگىلىكى ۋە بېلىقچىلىق ساھەسى %0.3، قۇرۇلۇش %9.9، مۇلازىمەت كەسپى %5.4 ئاشقان ئىدى.

ئۆزبېكستان ھۆكۈمىتى بۇ يىل (2019) مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە %5 ئېشىش كۆرۈلىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا. دۇنيا بانكسىنىڭ يېڭىلانغان دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەخمىنلىرى دوكلاتىدا، ئۆزبېكستان مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 2019-يىلىدا %5.3 ئاشىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر