ھەربىي قوزغىلاڭچىلار تۈركمەن تېغىدا ئەسەد قىسىملىرىغا ئېغىر زەربە بەردى
ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى يۇقىرى بۇرج ئەلزاھىيە چوقۇسى بىلەن قوشۇلۇپ 15 كىچىك ئېگىزلىك ۋە ئەسەدنىڭ ھەربىي ئىستىھكاملىرى تارتىپ ئېلىندى. ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە ئىككى تانكا پاچاقلاپ تاشلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدىكى ھەربىي قوزغىلاڭچىلار ئىدلىبتىكى يىرىكچىلىكنى تۆۋەنلىتىش رايونى دائىرىسىگە جايلاشقان تۈركمەن تېغى (بايىر بۇجاق) رايونىدا ئەسەد قىسىملىرى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغان ئىستىرتېگىيەلىك جايلارنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى.
تۇيۇخسىز قىلىنغان ھۇجۇمدا نۇرغۇنلىغان ئەسەد ئەسكەرلىرى ئۆلتۈرۈلدى.
ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى يۇقىرى بۇرج ئەلزاھىيە چوقۇسى بىلەن قوشۇلۇپ 15 كىچىك ئېگىزلىك ۋە ئەسەدنىڭ ھەربىي ئىستىھكاملىرى تارتىپ ئېلىندى. ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە ئىككى تانكا پاچاقلاپ تاشلاندى.
ھەربىي ھەرىكەتتىن كېيىن ئەسەد قىسىملىرى تۈركمەن تېغىنى توپقا تۇتۇشقا باشلىدى.
ئەسەد قىسىملىرى 2015 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا رۇسىيەنىڭ ھاۋادىن ياردەم قىلىشى ئاستىدا لازىقىيە ۋىلايىتىگە قاراشلىق تۈركمەن تېغىنىڭ %85 نى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغان ئىدى.
رايوندا ياشايدىغان 20 مىڭ ئەتراپىدا تۈركمەن ۋە ئەرەب خەلقى تۈركىيەگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.
تۈركمەن تېغىدا جۇمەرەن، كەلەز، ئىساپىنارى، ساللۇرن يامادى، قارامانلى يېزىلىرى شۇنداقلا زەيتىنچىك، چىپتوروز ۋە كالابا ئېتىزلىقلىرىلا قوزغىلاڭلارنىڭ كونتىروللۇقىدا قالغان ئىدى.