قازاق مىلياردېرنىڭ يەلكەنلىك كېمىسى مۇغلانىڭ فەتھىيە پورتىغا يېتىپ كەلدى

مۇغلانىڭ فەتھىيە ناھىيەسىدە يېقىلغۇ ئېلىش ئۈچۈن لەڭگەر تاشلىغان «Idynasty» ناملىق چوڭ يەلكەنلىك كېمە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

1227238
قازاق مىلياردېرنىڭ يەلكەنلىك كېمىسى مۇغلانىڭ فەتھىيە پورتىغا يېتىپ كەلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستانلىق مىلياردېر سودا سانائەتچى ئەلىجان ئىبراگىموۋغا تەۋە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن، 100 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يەلكەنلىك كېمىنىڭ باھاسىنىڭ 200 مىڭ دوللار ئىكەنلىكى ۋە ئەتىگەندە فەتھىيە پورتىدا لەڭگەر تاشلىغانلىقى قەيت قىلىندى.  

يەلكەنلىك كېمە ئۈچۈن 5 نېفىت ئاپتومبولى بىلەن ئېلىپ كېلىنگەن يېقىلغۇ قۇرۇغلۇقتىن قاچىلاندى. 

يېقىلغۇ قاچىلانغاندىن كېيىن يەلكەنلىك كېمىنىڭ كۆچەك ئارىلىغا بارىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەلكەنلىك كېمىنىڭ ئىچىدە قازاقىستانلىق مىلياردېر ئەلىجان ئىبراگىموۋنىڭ بار ياكى يوقلۇقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىمىدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر