قازاقىستاندا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ 1 كىشى ئۆلدى

قازاقىستاننىڭ ئاقمولا ئۆلكىسىدە «AN-2» تىپلىق ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 1 كىشى ئۆلدى ۋە 2 كىشى يارىدار بولدى.

1221717
قازاقىستاندا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ 1 كىشى ئۆلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان جىددىي ھالەت كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قازاقىستان ۋاقتى 10:00 دا ئاقمولا ئۆلكىسىگە قاراشلىق رودىنا يېزىسىدىن 10 كېلو مېتىر ئۇزاقلىقتا تېرولغۇلارنى دورىلايدىغان «AN-2» تىپلىق ئايروپىلاننىڭ دورىلاش ئەسناسىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.  

ۋەقەدە ئۇچقۇچىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە ئىككى خادىمنىڭ يارىدار بولغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا يەنە يارىدارلارنىڭ بالنېستقا ئېلىنغانلىقى ۋە ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر