تاتارلار ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغانلىقىنىڭ 1097 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
رۇسىيەگە قاراشلىق تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بولگار شەھىرىدە، تاتارلارنىڭ دۆلەت سۈپىتىدە ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغانلىقىنىڭ 1097 يىللىقى خاتىرىلەندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى – يۇنېسكونىڭ دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولغار شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «مۇقەددەس بولغار يىغىنى» ناملىق خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تاتارىستان پىرېزىدېنتى رۇستەم مىننىخانوۋ، تاتارىستان پارلامېنتى باشلىقى فەرىت مۇھامەتشىن، رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئەمەلدارلىرى، تۈركىيەنىڭ قازاندا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ئاھمەت سادىق دوغان، تۈرك تارىخ ئورگىنى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور رەفىق تۇران رىياسەتچىلىكىدىكى تۈركىيە ھەيئىتى، رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسى رەھبەرلىك ھەيئىتى باشلىقى مۇپتى تالگات تاجەتتىن، تاتارىستان مۇپتىسى كامىل سەمىگۇللىن، رۇسىيەنىڭ 70 رايونىدىن كەلگەن 1137 ئىمام ۋە ئون مىڭلارچە كىشى قاتناشتى.
پىرېزىدېنت مىننىخانوۋ، «خاتىرە ئۇچۇرى» بىناسىغا يېقىن جايدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلىپ، تاتارىستان ۋە رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىنى بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئورنىتىشقا چاقىردى. ئۇ، يېقىنقى 10 يىلدا بولغاردا كەڭ كۆلەملىك رېمونت قىلىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، شەھەرنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرىدىن رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭمۇ پايدىلىنىشى لازىملىقىنى ۋە كېلەچەكتە بۇ يەردە مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن كۇرسلارنى ئېچىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
ئارقىدىن «كىچىك مۇنار» دا دۇئا قىلغان مۇسۇلمانلار، تارىخىي جەمىغ جامەسىنىڭ قالدۇقلىرى ئۈستىدە پېشىن نامىزىنى ئۆتىدى. 30 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم ئىشتىراك قىلغان تەبرىكلەش پائالىيىتى جەريانىدا مېھمانلاردا مىللىي تائاملار تارتىلدى.