يايلا تېغىدا مۇسۇلمان تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلىدۇ

ھاتاينىڭ يايلا تېغى ناھىيەسىدە 6-7-ئىيۇل كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسۇلمان تۈرك دۇنياسى ئۇچرىشىش پائالىيىتى 19 دۆلەتتىن مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدۇ.

1216017
يايلا تېغىدا مۇسۇلمان تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسۇلمان تۈرك دۇنياسى مۇنبىرىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل يىلدىرىم بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، 2018-يىلى سېنتەبىر ئېيىدا يايلا تېغىدا ئۆتكۈزۈلگەن «2-قېتىمىلىق مۇسۇلمان تۈرك دۇنياسى ئۇچرىشىش پائالىيىتى» دە، مىڭلارچە كىشىنى كۈتۈۋالغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۆتكەن يىلى پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن جايغا ياسالغان چوڭلۇقى 11 مىڭ 500 كىۋادرات مېتىرلىق ئاي يۇلتۇزلۇق مەيداننىڭ بۇ يىل 12 مىڭ 500 كىۋادرات مېتىرغا چوڭايتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ھاتاينىڭ يايلا تېغى ناھىيەسىدە 6-7-ئىيۇل كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتتە 19 دۆلەتتىن كېلىدىغان مېھمانلار كۈتۈۋېلىنىدۇ. پائالىيەتتە تۈرك مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ھەر خىل سەنئەت نومۇرلىرى، ئاتقا مىنىش ماھارەتلىرى، چېلىشىش، ئوقيا ئېتىش، مەھتەران نومۇرلىرى ۋە ھەر قايسى تۈرك خەلقلىرىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلىدۇ. پائالىيەتنىڭ بىرىنچى كۈنى تۈرك دۇنياسىنىڭ غەزەللىرى، ئىككىنچى كۈنىدە ئاشىق ساپائى نومۇرلىرى كۆرسىتىلىدۇ» دېدى.

ئۇ مۇسۇلمان تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر يۈرەك بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئوتتۇرىدىكى رىشتىلەرنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتكە پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنى تەكلىپ قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر