تۈركىيەمۇ قىرغىزىستانغا نوتا بەردى

قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەككە يېقىن ئوروك يېزىسىدا 5 - ئىيۇندا خەلق ئارىسىدا يۈز بەرگەن مالىمانچىلىق سەۋەبىدىن قىزغىزىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قۇبانىچبېك ئۆمۈرالىيېۋ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلىپ نوتا بېرىلدى.

1214891
تۈركىيەمۇ قىرغىزىستانغا نوتا بەردى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن ئوروك يېزىسىغا بارغان تۈركىيەنىڭ بىشكەكتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جەنگىز كامىل فىراتقا «دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشتى» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن نوتا بېرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا قارشى تۈركىيەمۇ قىزغىزىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قۇبانىچبېك ئۆمۈرالىيېۋنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىپ نوتا بەرگەن. 

قىرغىزىستان باش ئەلچىسى قۇبانىچبېك ئۆمۈرالىيېۋغا تۈركىيە باش ئەلچىسى جەنگىز كامىل فىراتنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ تەقەززاسىغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلغانلىقى، قىرغىزىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان ھېچقانداق ئىش يوقۇلۇقى ۋە تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەر دائىمقىغا ئوخشاش قېرىنداشلىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىشى ئارزۇ قىلىنىدىغانلىقى جىكىلەنگەن.

ئاھىسكا تۈركلىرى زىچ ئولتۇراقلاشقان ئوروك يېزىسىدا 5 - ئىيۇن كۈنى ياشلار ئارىسىدا تالاش تارتىش يۈز بېرىپ، ۋەقە يوغىناپ كەتكەن ۋە يېزىدىكى تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەن بىر ئەلچىخانا خادىمى يېزىغا قاپسىلىپ قالغان بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا تۈركىيەنىڭ بىشكەكتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جەنگىز كامىل فىرات دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭمۇ خەۋىرى بولغان ئاساستا پۇقرالارنىڭ مەسىلىسىگە بىۋاستە كۆڭۈل بۆلۈش ئۈچۈن ئورۇك يېزىسىغا بارغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر